پادىشاھ 2-ئېلىزابېتنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا نۇرغۇن دۇنيا رەھبەرلىرى قاتناشتى

ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى 2-ئېلىزابېتنىڭ دەپنە مۇراسىمى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا تارىخىي ۋېستمىنستېر ئاببېي چېركاۋىدا (Westminster Abbey) ئۆتكۈزۈلدى.

1881876
پادىشاھ 2-ئېلىزابېتنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا نۇرغۇن دۇنيا رەھبەرلىرى قاتناشتى
kralice elizabeth cenaze (12).jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى 2-ئېلىزابېتنىڭ دەپنە مۇراسىمى پايتەخت لوندوندىكى ۋېستمىنستېر ئاببېي چېركاۋىدا ئەنقەرە ۋاقتى 13.00، ئۈرۈمچى 16.00 دا باشلاندى. مۇراسىمغا، ئايال پادىشاھنىڭ پەرزەنتلىرىدىن پادىشاھ 3-چارلېز، مەلىكە ئاننە، شاھزادە ئاندرۇ، خانىش كامىللا، شاھزادە ئېدۋارد، گاللېر شاھزادىسى ۋىليام ۋە ئايالى، گاللېر مەلىكىسى كەيت، شاھزادە خاررىي ۋە ئايالى بىلەن خان جەمەتىنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى.

مۇراسىمغا، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قاتناشتى.

تەخمىنەن 2 مىڭ مېھماننىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن دەپنە مۇراسىمىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە ئايالى جىل بايدىن، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ، ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانېس، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇ، پولشا باش مىنىستىرى ماتېيۇسز موراۋىچكى، ئىتالىيە پىرېزىدېنتى سېرگىيو ماتتارېللا، ئىرېلاندىيە پىرېزىدېنتى مىشىل خىگىنس، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ۋە ئايالى ئولېنا زېلېنسكىي قاتارلىق 500 گە يېقىن دۇنيا رەھبىرى ھەمدە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئورۇن ئالدى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى لىز تراس مۇراسىمدا قىسقا سۆز قىلدى ۋە ئىنجىلدىن نەقىل كەلتۈردى. كانتېربۇرىي (Canterbury) باش ئېپسكوپى سۆزىدە، دۇنيادا ناھايىتى ئاز رەھبەرنىڭ ئايال پادىشاھ سازاۋەر بولغان ھۆرمەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدرۈدى.

ئايال پادىشاھ 2-ئېلىزابېت يولدىشى مەرھۇم شاھزادە فىلىپ بىلەن توي قىلغان جاي بولغان ۋېستمىنستېر ئاببېي چېركاۋىدىكى مۇراسىمدىن كېيىن، دۆلەت مىقياسىدا ئىككى مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇلدى. ئايال پادىشاھ 2-ئېلىزابېتنىڭ تاجى قويۇلغان ۋە گۈل-چېچەكلەر بىلەن قاپلانغان جىنازا، خايد باغچىسىنىڭ (Hyde Park) كىرىش قىسمىدىكى ۋىللىڭتون ئارچقا (Wellington Arch) ئاپىرىلدى ۋە ئارقىدىن دەپنە قىلىنىدىغان ۋىندسورغا (Windsor) ئاپىرىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئۇزۇن تەختتە ئولتۇرغان ھۆكۈمدارى ئايال پادىشاھ 2-ئېلىزابېت 8-سېنتەبىر دەم ئېلىۋاتقان (2022) شوتلاندىيەدىكى بالمورال قەلئەسىدە 96 يېشىدا ۋاپات بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر