ياپونىيە تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېكىتى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

1876785
ياپونىيە تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دۆلەت كىرىزىسكە تاقابىل تۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك ئىستىراتېگىيەسى مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېكەتلىرى « DDoSھۇجۇملىرى» دەپ بىلىنىدىغان تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

ياپونىيە ئىچكى ئىشلار ۋە خەۋەرلىشىش مىنىستىرلىقىمۇ، «eLTAX» دەپ ئاتالغان ئىنتېرنېت تور بېكىتىگە كىرىشنىڭ ۋاقىتلىق چەكلەنگەنلىكىنى دەلىللىگەن.

رۇسىيەنى قوللايدىغان خاككېرلار گۇرۇپپىسى «Killnet» بولسا، تېلېگرام مۇنبىرىدە تارقاتقان ئۇچۇرىدا، ياپونىيەنىڭ تور ئاممىۋى مۇلازىمەتلىرى ۋە ئېلېكترونلۇق باج سىستېمىسىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

«Killnet» خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىسمى، رۇسىيەنىڭ 24 – فېۋرال كۈنى باشلانغان ئىشغالىيىتى ئەسناسىدا ئۇكرائىنانى قوللىغان دۆلەتلەرگە ئائىت تور بېكەتلىرى نىشان قىلىنغان بىرقاتار تور ھۇجۇملىرىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر