پاكىستاندا 4500 يىللىق تارىخقا ئىگە سېپىللارنىڭ بىر قىسمى يامغۇر سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشتى
دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدە ئورۇن ئالغان ۋە موھېنجو-دارو رايونىغا جايلاشقان 4500 يىللىق تارىخقا ئىگە سېپىللارنىڭ بىر قىسمى پاكىستاندىكى يامغۇر سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىند ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىدىكى ھىندى دەرياسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان موھېنجو-دارو يادىكارلىقى پەسىللىك يامغۇرنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى.
رايون مەسئۇلى ئېھسان ئابباسى ھەددىدىن تاشقىرى ياغقان يامغۇرنىڭ تەسىرى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، «پەسىللىىك يامغۇر سەۋەبىدىن، 5000 يىل ئىلگىرى سېلىنغان بىر قانچە چوڭ تام ئۆرۈلۈپ چۈشتى» دېدى.
ئېھسان ئابباسى ئارخېئولوگلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما زىياننىڭ ماددى مىقدارى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.
موھېنجو-دارو يادىكارلىقى جەنۇبىي ئاسىيادا ئەڭ ياخشى ساقلانغان يادىكارلىقلارنىڭ بىرسى بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) تەرىپىدىن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.
يادىكارلىقلار 1922 - يىلى بايقالغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئۇكرائىنا ماي ئېيى كىرگەندىن بۇيان رۇسىيەنىڭ تۆت ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى
ئۇكرائىنا دونېتسىك رايونىدا رۇسىيەگە تەۋە Su-25 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى.
ئىسرائىلىيە خەلقى نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە خەلقى (18 – ماي) شەنبە كۈنى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.