رۇسىيە ياپونىيەدىن ئۆچ ئېلىشنى باشلىدى

رۇسىيە 24-فېۋرال (2022) ئۇكرائىناغا باشلىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا قارشى غەرب دۇنياسى بىلەن بىر سەپتە تۇرغان ۋە ئۆزىگە قارشى بىر قاتار ئېمبارگولارنى يۈرگۈزگەن ياپونىيەدىن ئۆز ئېلىشنى باشلىدى.

1876511
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئۆچ ئېلىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:موسكۋا دائىرىلىرى كۇرىل ئاراللىرىدا ياشايدىغان ياپونلارنىڭ خوككايدو دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ئاراللارغا ۋىزىسىز ساياھەت قىلىشقا رۇخسەت قىلغان كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان دۇمانىڭ خەلقئارالىق كومىتېتى باشلىقى لېيونىد سلۇتسكىي بۇ ھەقتە توختىلىپ: «مەزكۇر قارار ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلغان قانۇنسىز ئېمبارگوللارنىڭ بېسىمىغا ۋە توكيونىڭ غەربنىڭ رۇسىيەگە دۈشمەنلىك قىلىش سىياسىتىنى قوللىغانلىقىغا جاۋاب سۈپىتىدە ئېلىندى» دېدى.

رۇسىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ (1945-1939) ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئۆز زېمىنىغا قوشۇۋالغان كۇرىل ئاراللىرىنى، ياپونىيە «شىمالىي زېمىنلار» دەپ ئاتايدۇ.

ئىككى دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان كۇرىل ئاراللىرى، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ ئويلايدىغان رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرماقتا.

ياپونىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا رۇسىيە بىلەن تۈزۈلگەن تىنچلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇش ئۈچۈن، كۇناشىرى ئارىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۇرىل ئاراللىرىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى شەرت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر