خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭدىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك خەت تاپشۇرۇۋالدى.

1876264
خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ۋەلىد ئەلھۇجەيرى، خىتاينىڭ رىياد باش ئەلچىسى چېن ۋېيچىڭنى مىنىستىرلىق بىناسىدا قوبۇل قىلغان.

ئۇچرىشىشتا، ئىككى دوست دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنى تۈرلۈك ساھەلەردە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يوللىرىدىن سىرت يەنە، ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى بويىچە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

خىتاي باش ئەلچىسى چېن، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىزغا يازغان خېتىنى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار  ۋەزىرى ھۇجەيرىگە تەقدىم قىلغان.

شى جىنپىڭ، خېتىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچلۈك ۋە ساغلام ئىكەنلىكىنى، بۇ مۇناسىۋەتلەرنى تۈرلۈك ساھەلەردە ۋە ھەر سەۋىيەدە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان، ھەمدە خىتاينىڭ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «EXPO 2030» نىڭ رىيادنىڭ ساھىبخانىلىقىغا ئۆتكۈزۈلۈش تەلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

خىتاينىڭ رىياد ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىدىمۇ، باش ئەلچى چېننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار  ۋەزىرى ھۇجەيرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا شى جىنپىڭنىڭ خېتىنى تاپشۇرغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بۇ ئۆزگىرىش، ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «‹The Guardian› گېزىتى» دە ئاۋغۇست ئېيىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى» غا دائىر خەۋىرىدىن كېيىن، مەيدانغا كەلدى. ئەمما بۇ خەۋەرنى نە بېيجىڭ، نە رىياد جەزملەشتۈرمىدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، ئاپرېلدا سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر