ھىندىستاندا چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن 17 كىشى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئۆلكىسىدە چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن 17 كىشى قازا قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Manila Times» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن بىھار ئۆلكىسىدىكى بىر قانچە رايونغا چاقماق چۈشكەن. چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن 17 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۇلاردىن 6 نەپىرىنىڭ ئېتىزدا ئىشلەۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
ئۆلكە باش مىنىستىرى نىتىش كۇمار ۋەقەدىن قاتتىق ئازابلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىرىنىڭ ھەر بىرىگە 5000 دوللار بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى مەسئۇللىرى ناچار ھاۋارايى شارائىتىنىڭ دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىغا 5 كۈنگىچە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.
ھىندىستاندا پەسىللىك يامغۇر ياغىدىغان چاغلاردا چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن قازا قىلىش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
بىھار ئۆلكىسىدە 6 - ۋە 7 - ئايلاردا كەم دېگەندە 60 كىشى چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن قازا قىلغان ئىدى.