پېسكوۋ: ئېمبارگولار سەۋەبىدىن گاز بىلەن تەمىنلەش توختىتىلدى

رۇسىيە كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ ئېمبارگولار سەۋەبىدىن تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش ئىشلىرىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1874240
پېسكوۋ: ئېمبارگولار سەۋەبىدىن گاز بىلەن تەمىنلەش توختىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:رۇسىيە كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى پېسكوۋ تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش ئىشلىرىنىڭ رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولار سەۋەبىدىن توختىتىلغانلىقىنى، ياۋروپا سىياسەتچىلىرىنىڭ تاشلىغان قەدەملىرى تۈپەيلىدىن پۇقرالارنىڭ كۆپ پۇل تۆلەشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتتى.

گازپروم تۇرۇبا لىنيەسىدىكى ئوخشىمىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ زاپچاسلىرىنى ئاسىراش ئىشلىرىنىڭ ئېمبارگولار سەۋەبىدىن قىلىنالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۇرۇبا لىنيەسىدىن ئېقىتىلغان گاز مىقدارىنى تەخمىنەن %80 ئازايتقان ئىدى.

گازپروم يەنە، فىرانسىيەنىڭ ئىيۇل ئېيىنىڭ گاز ھەققىنى تۆلىمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، بۇ دۆلەتكە ئەتىدىن باشلاپ (1-سېنتەبىر) گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ 2022-يىلى 31-مارت چىقىرىلغان 172-نومۇرلۇق پەرمانىغا ئاساسەن، چەت ئەللىك گاز سېتىۋالغۇچى كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە گاز ھەققىنى تۆلىمىگەن ئەھۋالدا گاز سېتىۋالغۇچىنى گاز بىلەن تەمىنلەش توختىتىلىدۇ» دېيىلدى.

فىرانسىيەنىڭ تەبىئىي گاز تەمىنلىگۈچى شىركىتى ئېنجى گۇرۇھىنىڭ (Engie Group) مۇئاۋىن باشلىقى كلايىر ۋايسەند (Claire Waysand) 29-ئاۋغۇست (2022) تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، شىركەتنىڭ ئېنېرگىيە كىرىزىسى باشلانغاندىن تارتىپ گاز بىلەن تەمىنلەش مەنبەلىرىنى كۆپەيتىپ، رۇسىيە گازىغا بولغان بېقىندىلىقنى كۆپ ئازايتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇ فىرانسيەدىكى ساقلانغان تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ %90 تىن كۆپرەك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر