دۇنيادا 6 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان

بۇ يىل (2022) ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 1 مىليوندىن ئاشقانلىقى ئېلان قىلىندى.

1872546
دۇنيادا 6 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دىرېكتورى تېدروس ئادخانوم جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى مەلۇماتلار توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى ئوتتۇرىغا چىققان 2019-يىلنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ دۇنيادا ۋىرۇس سەۋەبىدىن 6.45 مىليون كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بۇ يىلنىڭ (2022) بېشىدىن مۇشۇ ھەپتىگىچە 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، كۆڭۈلنى بىئارام قىلىدىغان بۇرۇلۇش نۇقتىسىدىن ئۆتتۇق» دېدى.

ئۇ ئۆلۈملەرنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان ۋاستىلەر بار تۇرۇقلۇق، بۇنچىۋالا ئۆلۈمنىڭ يۈز بېرىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بارلىق ھۆكۈمەتلەرنى نوپۇسىنىڭ %70 نى ۋاكسىنا ئەملەش نىشانى يولىدا، سەھىيە خادىملىرىنى، ياشانغانلار ۋە خەتەرلىك گۇرۇپپىنىڭ ئاستىدىكى كىشىلەرنى ئەملەشكە چاقىرىمىز. تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرى، سەھىيە خادىملىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى ۋە ياشانغانلارنىڭ تۆتتىن ئۈچى ھازىرغىچە ئەملەنمىدى» دېدى.

ئۇ 136 دۆلەتنىڭ ئىيۇن ئېيىنىڭ (2022) ئاخىرىغىچە نوپۇسىنىڭ %70 نى ئەملەش نىشانىغا يېتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 66 دۆلەتنىڭ نوپۇسىنىڭ %40 نىمۇ ئەملىيەلمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر