ئانتونىيو گۇتېررېس بىرمادىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدە مەخسۇس توختالدى

ب د ت باياناتچىسى ستېفان دۇجارىكنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، گۇتېررېس بىرمادا روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتى باشلانغان 2017-يىلى  24 – ئاۋغۇست خاتىرە كۈنى ئۈستىدە مەخسۇس توختالغان.

1872188
ئانتونىيو گۇتېررېس بىرمادىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدە مەخسۇس توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بىرمادا 2021-يىلى 1 - فېۋرالدا سايلانغان ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ھەربىي ھۆكۈمەتنى دۆلەتتىكى سىياسىي كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىمۇ قاتناشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.

ئانتونىيو گۇتېررېس بۇددىستلارنىڭ نوپۇسى زىچ بولغان بىرمادا روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئايرىمچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن بىرماداكىشىلىك ھوقۇق ۋە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ،  روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىرما كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئايرىلماس تەبىئىي بىر قىسمى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.  

ئۇ يەنە: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىرىزىسنى ئەتراپلىق، پۇختا ۋە كەڭ دائىرىلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقى ئىنتايىن مۇھىم» دېدى..



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر