ئامېرىكا ئاقساراي ئەتراپىغا چاقماق چۈشتى

ئامېرىكا ئاقساراينىڭ يېنىغا جايلاشقان لافايېت باغچىسىغا (Lafayette Park) چاقماق چۈشۈشى سەۋەبىدىن تۆت كىشى يارىلاندى.

1864057
ئامېرىكا ئاقساراي ئەتراپىغا چاقماق چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئاسمىنىدا ھاۋا گۈلدۈرلەپ يامغۇر يېغىۋاتقان پەيتلەردە، ئاقسارايغا يېقىن يەرگە جايلاشقان لافايېت باغچىسىغا چاقماق چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ۋاشىنگتون پاژارنى مەسئۇللىرى ئاقساراي ئەتراپىغا چاقماق چۈشۈش ۋەقەسىدە تۆت كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن لافايېت باغچىسىنىڭ بىر قىسمنىڭ تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يارىدارلارنىڭ ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر