پېلوسى كورېيە بىتەرەپ رايونىنى زىيارەت قىلدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسى ھەمراھلىقىدىكى پالاتا ھەيئىتى بىلەن بىرلىكتە جەنۇبىي كورېيە – شىمالىي كورېيە چېگراسى بولغان كورېيە بىتەرەپ رايونىنى زىيارەت قىلدى.

1863941
پېلوسى كورېيە بىتەرەپ رايونىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېلوسى، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئەسكەردىن خالىي رايون / بىرلەشمە بىخەتەرلىك رايونى ۋە ئوسان ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمىزدا، كورېىيە يېرىم ئارىلىدىكى دېموكراتىيەنىڭ قوغدىغۇچىلىرى بولغان ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك خىزمەتلىرى ئۈچۈن پالاتاغا ۋە دۆلەتكە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈردۇق.»

«پالاتا ھەيئىتى بىلەن بىرلىكتە زىيارىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايوندىكى ھەمراھلىرىمزنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكياننى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز.»

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يون سۇك يېئول  تەتىلدە بولغانلىقى ئۈچۈن، پېلوسى ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

رايون زىيارىتىنى 1-ئاۋغۇست سىنگاپوردىن باشلىغان نەنسى پېلوسى، كېيىنچە مالايشىيادا، ئاندىن تەيۋەندە زىيارەتتە بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر