رۇسىيە ئىدلىبتىكى ئىككى يېزىنى بومباردىمان قىلدى

بىر رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانى سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىدلىب ۋىلايىتىنىڭ خىرىستىيانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يەئقۇبىييە ۋە جۇدەيدە يېزىلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.

1858058
رۇسىيە ئىدلىبتىكى ئىككى يېزىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانى سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىدلىب ۋىلايىتىنىڭ خىرىستىيانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يەئقۇبىييە ۋە جۇدەيدە يېزىلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، بەش نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي يەتتە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

ئۆكتىچىلەرنىڭ ئايروپىلان كۆزىتىش مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ۋاقتى سائەت 05:36 دە، لازىقىييەدىكى ھىمەيمىم ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن قوزغان بىر رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى ئىدلىبنىڭ غەربىدىكى يەئقۇبىييە ۋە جۇدەيدە يېزىلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان.

ئىدلىب خەلق مۇداپىئەسى ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇ ھاۋا ھۇجۇمىدا دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، بەش نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي يەتتە ئادەم قازا قىلغان، 13 ئادەم يارىلانغان.

ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھامادىكى ھۇجۇملىرىدىن قېچىپ كېلىپ رايونغا ئورۇنلاشقان پۇقرالار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر