رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى كېڭەيتىشنى چاقىرىق قىلدى

رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر سانىنى كۆپەيتىپ، ئافرىقاغا قارىتىلغان «تارىخىي ئادالەتسىزلىك» نى ئوتتۇرىدىن يوقىتىشنى چاقىرىق قىلدى.

1858281
رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى كېڭەيتىشنى چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ نىيۇ يوركتىكى باش مەركىزىدە ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا رۇسىيەنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىل ياردەمچىسى دمىترىي پولىنسكىي: «خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كېڭەيتىلىشىنى قوللايمىز. كېڭەشنىڭ ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ تارىخىي ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغان ئافرىقا ئۈچۈن كېڭەيتىلىشىنى چاقىرىق قىلىمىز. خەلقئارا جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دۇنيانى باشقۇرۇش، تەبىئىي بايلىقلارنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىش، گېئوپولىتىك لايىھەلىرىنى ئىجرا قىلىش، بارلىق دۆلەتلەرنى، خەلقلەرنى ۋە قىتئەلەرنى خېجىل بولماستىن بۇلاپ تالان-تاراج قىلىش ھوقۇقى بار دەپ قارىمايدۇ» دېدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت بەش دائىمىي ئەزا دۆلەتتىن باشقا، 10 ۋاقىتلىق ئەزا دۆلەتتىن تەركىپ تاپىدۇ. كېڭەشنىڭ قارار چىقىرىشى ئۈچۈن بەش دائىمىي ئەزا دۆلەتنىڭ ھېچبىرى رەت قىلماسلىقى شەرتى ئاستىدا، توققۇز ۋاقىتلىق ئەزا دۆلەت قوشۇلۇشى كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر