ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 3 ئادەم ئۆلدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى بىر ئۆيدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 3 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 2 ئادەم يارىلاندى.
1854375
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ دوۋنىي شەھىرىدىكى بىر ئۆيدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى.
شۇ جاي ۋاقتى 00: 45 ئەتراپىدا نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان ساقچىلار، ۋەقەدە 4 ى ئەر بولۇپ، 5 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى.
يارىدارلاردىن 3 ى نەق مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئىككىسى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ساقچىلار «شەخسىي ۋەقە» دەپ ئاتىغان ھۇجۇمنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.