ئامېرىكا دىنىي ئىشلار مەركىزىدە «قۇربان ھېيت» نى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئامېرىكا دىنىي ئىشلار مەركىزىدە بىر يەرگە جەم بولغان يۈزلەرچە مۇسۇلمان، «ھېيت نامىزى» دىن كېيىن «قۇربان ھېيت» نى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

1854136
ئامېرىكا دىنىي ئىشلار مەركىزىدە «قۇربان ھېيت» نى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مارىلاند ئىشتاتىغا جايلاشقان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئەڭ چوڭ جامەلەردىن بىرىگە ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان ئامېرىكا دىنىي ئىشلار مەركىزى، «قۇربان ھېيت» مەزگىلىدە يۈزلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.

مۇسۇلمانلار، جامەنىڭ قورۇسىدا ئالدى بىلەن «ھېيت نامىزى» ئوقۇدى، ئاندىن «قۇربان ھېيت» نى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

تۈركلەردىن باشقا، رايوندا ياشاۋاتقان ئوخشىمىغان مىللەتلەرگە مەنسۇپ يۈزلىگەن مۇسۇلمانلار، ھېيت نامىزىغا قاتناشتى.

ئىگىلىنىشىچە، «قۇربان ھېيت» نى تەبرىكلەش پائالىيىتى، ئامېرىكا دىنىي ئىشلار مەركىزىدە ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان گۆش قورۇش ۋە پولۇ ئىكرام قىلىش پائالىيىتى بىلەن داۋاملىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر