شىۋىتسىيەدە تېررورچىلارنىڭ قوللىغۇچىسى ئامىنە كاكاباۋې سوتقا ئەرز قىلدى

شىۋىتسىيەدە بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ قوللىغۇچىسى شۇنداقلا مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسى ئامىنە كاكاباۋې شىۋىتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى.

1851926
شىۋىتسىيەدە تېررورچىلارنىڭ قوللىغۇچىسى ئامىنە كاكاباۋې سوتقا ئەرز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋىتسىيەدە بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ قوللىغۇچىسى شۇنداقلا مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسى ئامىنە كاكاباۋې شىۋىتسىيە، فىنلاندىيە ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ ئەھدىنامىسىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن شىۋىتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەن لىندې ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلدى.

دۆلەتنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «TT» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كاكاباۋې ئالدىنقى ھەپتە ناتو رەھبەرلىرى يىغىنىدىن ئىلگىرى شىۋىتسىيە، فىنلاندىيە ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ ئەھدىنامىسىنىڭ «قانۇنسىز» ئىكەنلىكىنى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىندېنىڭ ئۆز ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ سوتقا ئەرز سۇنغان.

خەۋەردە، شىۋىتسىيەنىڭ تۈركىيەگە قورال ئېكسپورت قىلىش ۋەدىسىدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان كاكاباۋېنىڭ شىۋىتسىيەنىڭ جىنايەتچىلەرنى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ماددىنىڭمۇ تەكشۈرۈلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر