ئامېرىكا ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىدىكى ئارنھېم ئالەم قاتنىشى مەركىزىدىن راكېتا قويۇپ بەردى

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (ناسا) تۇنجى قېتىم راكېتا قويۇپ بېرىش ئۈچۈن دۆلەت سىرتىدىكى سودا  خاراكتېرلىق ئالەم قاتنىشى مەركىزىنى ئىشلەتتى.

1848484
ئامېرىكا ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىدىكى ئارنھېم ئالەم قاتنىشى مەركىزىدىن راكېتا قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: راكېتا بۈگۈن ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىدىكى ئارنھېم ئالەم قاتنىشى مەركىزىدىن ئەتىگەندە قويۇپ بېرىلدى.

ناسا بۇنىڭ پەقەت جەنۇبىي يېرىم شاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاسترونومىيە فىزىكىسى تەتقىقاتىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 بۇ قېتىمقى راكېتا قويۇپ بېرىش خىزمىتى، يېقىنقى 25 يىلدىن بۇيان ئاۋسترالىيەدە تۇنجى قېتىم قويۇپ بېرىلگەن راكېتا بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

كېلەر قېتىملىق قويۇپ بېرىشنى 4 - ئىيۇلغا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلانماقتا.

ئارنھېم ئالەم قاتنىشى مەركىزى تۇنجى ۋە بىردىنبىر سودا خاراكتېرلىق ئېكۋاتور قويۇپ بېرىش ئورنى دەپ بىلىنىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر