مالىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 132 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى
مالىنىڭ ئىچكى قىسىملىرىدىكى كەنتلەرنىڭ شەنبە كۈنى كېچىسى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ، 132 پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالى ھۆكۈمىتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بانكاس ناھىيەسىنىڭ دىئانۋېلى، دىئاللاساگو ۋە دېگۇساگوۋ يېزىلىرىنىڭ 18-ئىيۇن كەچتە مەغرىب ئەلقائىدەسىگە قاراشلىق كاتىبا ماكىنا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 132 پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ھۆكۈمەت ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى ۋە دۆلەت مىقياسىدا ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ساھېل رايونىدىكى «ئۈچ دۆلەت چېگراسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇركىنا فاسو، مالى ۋە نىگېر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتى «ئەلقائىدە»گە قاراشلىق گۇرۇپپىلار بىلەن دائېشنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.
2013-يىلىدىن بۇيان مالىدا چەت ئەل ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋەقە پەيدا قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.