ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى 3 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان جېنىن شەھىرىگە باستۇرۇپ كىرىش ھەرىكىتى داۋامىدا 3 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، 8 ى يارىلاندى.

1844752
ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى 3 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ جېنىن شەھىرىدە ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 3 پەلەستىنلىك قازا قىلدى، 8 ى يارىلاندى» دېيىلدى.

پەلەستىن دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتى داۋامىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر بەرا لەھلۇھ، لەيس ئەبۇ سۇرۇر ۋە يۈسۈف سالاھ ئىكەن.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى، جېنىن شەھىرىگە باستۇرۇپ كىرىش ھەرىكىتى داۋامىدا، 4 پەلەستىنلىك ئولتۇرغان بىر ئاپتوموبىلنى ئوققا تۇتقان.

ۋەقەدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن ئونلارچە پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەرگەن.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىكلەرگە ئوق چىقارغان ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلغان.

ۋەقەلەر ھەققىدە ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تېخىچە بايانات ئېلان قىلىنمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر