رۇسىيە: ئاشلىقنى دوستلىرىمىزغىلا ساتىمىز

رۇسىيە ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنى پەقەت دوست دۆلەتلەرگىلا ساتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1844767
رۇسىيە: ئاشلىقنى دوستلىرىمىزغىلا ساتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرى دمىترىي پاترۇشېۋ سائىنت پېتېرسبۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىدە، تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىدىكى مەسىلىلەر قاتارلىق نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ سۆزىدە، رۇسىيەنىڭ ئەڭ كۆپ ئېھتىياجلىق بولغان دۆلەتلەرنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن بۇ قىيىنچىلىقلارنى يىڭىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىمىز سىرتقى بازارلارغا چىقىرىلىدۇ، ئەمما بىز بىلەن دوست بولغان، بىزگە قىيىنچىلىق ۋە توسقۇنلۇق پەيدا قىلمىغان دۆلەتلەرگىلا سېتىلىدۇ» دېدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۆتكەن ئاي بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ بۇ يىل (2022) بۇغدايدىن رېكورت سەۋىيەدە مول-ھوسۇل ئېلىشنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇ بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئاچارچىلىققا دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ پۈتۈنلەي «غەرب دۆلەتلىرىنىڭ گۇناھى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

بۇغداي باھاسى يېقىنقى ئىككى ھەپتىدە رېكورت سەۋىيەگە چىقىشى بىلەن، ئاشلىق كىرىزىسى دۇنيا مىقياسىدا ھېس قىلىنىشقا باشلىدى.

ھاۋا رايى ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دۇنيا يېمەك-ئىچمەك بازىرى، 24-فېۋرال (2022) باشلانغان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى ۋە غەربنىڭ موسكۋاغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگولىرى سەۋەبىدىن يەنە بىر قېتىم ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر