مادۇرو OPEC باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى
ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) باش كاتىپى ھەيسەم ئەلغەيس بىلەن نېفىت بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈر چارە – تەدبىرلىرىنى تېپىش مەسىلىسىدە پۈتۈشكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مادۇرو، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، كۇۋەيتقا قىلغان زىيارىتى دائىرىسىدە، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ھەيسەم ئەلغەيس بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، كۆرۈشۈشنىڭ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، پۈتكۈل دۇنيادا نېفىت بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈر چارە – تەدبىرلىرىنى تېپىش مەسىلىسىدە پۈتۈشكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.
ۋېنېزۇئېلا دۆلىتىنىڭ زور نېفىت زاپىسىغا ئىگە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتى PDVSA، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئېمبارگولىرىغا دۇچ كەلمەكتە.
غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى، مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، رۇسىيەگە تايىنىشنى ئازايتىشقا ياردەمچى بولۇش ئۈمىدى بىلەن، ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ۋېنېزۇئېلا نېفىتىنىڭ قايتىدىن ياۋروپاغا ئېقىشىغا يېشىل چىراغ ياققان.