ياۋروپا ئىتتىپاقى 110 مىڭ قۇتا مايمۇن چېچىكى ۋاكسىنىسى سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا دۆلەتلەرگە ئەۋەتىش ئۈچۈن 110 مىڭ قۇتا مايمۇن چېچىكى ۋاكسىنىسى سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى.

1843037
ياۋروپا ئىتتىپاقى 110 مىڭ قۇتا مايمۇن چېچىكى ۋاكسىنىسى سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسىيونى ئەزاسى ستېللا كىرياكىدىس، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر سەھىيە مىنىستىرلىرىنىڭ لىيۇكسېمبۇرگدىكى يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن بايانات بېرىپ، بۈگۈن ئۆزىنىڭ 110 مىڭ قۇتا مايمۇن چېچىكى ۋاكسىنىسى سېتىۋېلىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە تۇنجى تۈركۈم ۋاكسىنىلارنىڭ ئەزا دۆلەتلەرگە 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كىرياكىدىس، ھازىرغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە 900 ئەتراپىدا ئادەمدە مايمۇن چېچىكى بايقالغانلىقىنى، پۈتۈن دۇنيادىكى يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ تەخمىنەن 1400 ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى سەھىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭمۇ مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن كىرياكىدىس، ئالدىمىزدىكى كۈز ۋە قىش پەسلى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلەرنى بەلگىلەپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەر خىل ۋارىيانتلارغا ماس كېلىدىغان يېتەرلىك ۋاكسىنىغا ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەتلىرىگە قاراپ چىقىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر