رۇسىيە تور ئۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

موسكۋا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تور توقۇنۇشىنىڭ رېئال دۇنيادا ئۇرۇش يالقۇنى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.

1841519
رۇسىيە تور ئۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  رۇسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى ئاندرېي كرۇتسكىخ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مەۋھۇم دۇنيادىكى ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسى ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان تور دۇنياسىدىكى توقۇنۇشنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەقىقىي ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ۋاشىنگتون بىلەن موسكۋا ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ بىر - بىرىگە قارشى يامان غەرەزلىك تور پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا تور بىخەتەرلىكى قوماندانلىقى باش دىرېكتورى پائۇل ناكاسون ئۆتكەن ھەپتىكى بىر قېتىملىق سۆھبىتىدە، بەشبۇرجەكلىك بىنا (ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى) تور تارمىقىنىڭ بىر قاتار پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى پائۇل ناكاسون يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلىپ بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ساھەسى ھەمكارلىقى ئورگىنىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ئاندرېي كرۇتسكىخ «كوممېرسانت» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكانى رۇسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا تور ھۇجۇمى قوزغاش بىلەن ئەيىبلىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا، «شۇنىڭغا ئىشنىڭلاركى، رۇسىيە ھېچقانداق ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى جاۋابسىز قالدۇرمايدۇ» دەپ ئۇچۇر ئورتاقلاشتى.

كرۇتسكىخ: «غەربنىڭ ئۇچۇر ساھەسىنى ھەربىيلەشتۈرۈشى ۋە ئۇنى دۆلەتلەر ئارا توقۇنۇش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى، مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر ھەربىي توقۇنۇش تەھدىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر