لوندوندا 4000 غا يېقىن مېترو ئىشچىسى ئىش تاشلاش نامايىشى ئۆتكۈزدى
ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا 4000 غا يېقىن مېترو ئىشچىسى ئىشتىن قېلىش، خىزمەت شارائىتىنىڭ ناچارلىقى، پىنسىيە مائاشى ۋە كېلىشمەسلىك مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن ئىش تاشلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەملىكەتلىك تۆمۈر يولى، دېڭىز-ئوكيان ۋە قاتناش ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى (RMT) تەرىپىدىن باشلىتىلغان ئىش تاشلاش نامايىشى سەۋەبىدىن، پايتەختتىكى نۇرغۇن مېترو بېكەتلىرى ئىشتىن توختىدى.
لوندون ترانسپورتى (TfL) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بولۇپمۇ لوندوننىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىدىكى نۇرغۇن بېكەتلەرنىڭ تاقىلىدىغانلىقى، باشقا بېكەتلەرنىڭ بولسا، پەقەت چەكلىك مۇددەتلىك ئېچىۋېتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
لوندون ترانسپورتى (TfL) شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 08:00 گىچە داۋاملىشىدىغان ئىش تاشلاش نامايىشى سەۋەبىدىن مېترو لىنىيەسىدە ئېغىر ئاقساپ قىلىشلارنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى ھەمدە يولۇچىلارغا مېترودا ساياھەت قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى.
پايتەختت لوندوننىڭ كۆپلىگەن مېترو بېكەتلىرىدە ئىش تاشلاش نامايىشى بولۇۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئەتىگەندە ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە ئۇزۇن ئۆچرەتلەر شەكىللەندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.