ياۋروپا رۇسىيەگە قارشى ئالتىنچى ئېمبارگو پىلانى ئۈستىدە كېلىشتى

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى رۇسىيەدىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنىڭ مۇشۇ يىل (2022) ئاخىرىغىچە %90 گە چەكلىمە قويىدىغان ئالتىنچى ئېمبارگو پىلانى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

1835465
ياۋروپا رۇسىيەگە قارشى ئالتىنچى ئېمبارگو پىلانى ئۈستىدە كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنىدا، ئۇكرائىناغا 24-فېۋرالدىن (2022) تارتىپ ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ: «مەزكۇر كېلىشىم رۇسىيەدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نېفىت ئىمپورتنى يىل ئاخىرىغىچە تەخمىنەن %90 ئازايتىدۇ» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان نېفىت مىقدارىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى دېڭىز يولى، ئۈچتىن بىرىنى تۇرۇبا لىنيەسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، دراژبا (Druzhba) تۇرۇبا لىنيەسىنىڭ شىمالىي قىسمىنىڭ پولشا بىلەن گېرمانىيەگە، جەنۇبىي قىسمىنىڭ ۋېنگىرىيە بىلەن سىلوۋاكىيەگە رۇسىيە نېفىتىنى يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ پولشا بىلەن گېرمانىيەنىڭ مەزكۇر تۇرۇبا لىنيەسىدىن رۇسىيە نېفىتىنى ئىمپورت قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە يولغا قويۇلىدىغان ئېمبارگولارنىڭ رۇسىيە نېفىتىنىڭ %90 نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان %10 لىك نېفىت مەسىلىسىگە كېيىنكى كۈنلەردە قاراپ چىقىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقى شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيە پاراخوتلىرىنى ئىستراخۇانىيە قىلىشى ۋە مۇلازىمەت خىزمىتى بىلەن تەمىنلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ ئۈچ ئاخبارات ئورگىنىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى تارقىتىشلىرىنى توختاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېز مىشېل تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا بولسا، نېفىت مىقدارى توغرىسىدا ئوخشىمىغان سان بېرىپ، رۇسىيەدىن نېفىت ئىمپورتىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئازايتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئالتىنچى ئېمبارگو پىلانىدا، رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ بانكاسى بولغان سبەربانكا (Sberbank) نى سۋىفتتىن (SWIFT) چىقىرىشنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىناغا 9 مىليارد ياۋرو ھەدىيە قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇكرائىنانىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان «مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبەلىرى» نىڭ ئازىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيەگە ئىزچىل بېسىم قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر