سۈرىيەدە ئامېرىكا قىسىملىرى ئورۇنلاشقان جايدا راكېتا ھۇجۇمى يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان دېيرىززۇر ۋىلايىتىدە ئامېرىكا قىسىملىرى ئورۇنلاشقان ئۆمەر گاز مەشغۇلات رايونى ئەتراپىدا راكېتا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

1834817
سۈرىيەدە ئامېرىكا قىسىملىرى ئورۇنلاشقان جايدا راكېتا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئەتىگەن سەھەردە دېيرىززۇردا ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەت ئەل تېررورىست گۇرۇپپىلىرى ھەرىكەت قىلىۋاتقان رايوندىن ئامېرىكا قىسىملىرى ئورۇنلاشقان ئۆمەر گاز مەشغۇلات رايونى ئەتراپىغا راكېتا ھۇجۇمى قىلىنغان.

ھۇجۇمدا، گاز مەشغۇلات رايونىدا ھېچقانداق زىيان-زەخمەت كۆرۈلمىگەن. ئامېرىكا قىسىملىرى بولسا، راكېتا ئوقى كەلگەن جاينى توپقا تۇتقان.

فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە قالغان دېيرىززۇر ئامېرىكانىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك نىڭ ئىشغال ئاستىدا، ۋىلايەت مەركىزى ۋە ئەتراپىدىكى جايلار بولسا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرماقتا.

دېيرۇززۇردا ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورىست گۇرۇپپىلارھەرىكەت قىلىۋاتقان رايونلار، يېقىنقى كۈنلەردە پات-پات ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جون كىربى ھۇجۇمنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى ھازىرچە بىلمەيدىغانلىقلىرىنى، ئەمما ھۇجۇمنىڭ ئىلگىرىكى ھۇجۇملارغا ئوخشاش ئىران قوللىشى ئاستىدىكى تېررورىست گۇرۇپپىلارنىڭ قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر