ئەلخاتىب: چاۋۇشئوغلۇنىڭ مەسجىدى ئەقسا زىيارىتى «تارىخىي قوللاش» ھېسابلىنىدۇ

قۇددۇس ئىسلامىي فوندى جەمئىيەتلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەززەم ئەلخاتىب، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسقا جايلاشقان مەسجىدى ئەقسا زىيارىتىنىڭ «تارىخىي قوللاش» ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1832629
ئەلخاتىب: چاۋۇشئوغلۇنىڭ مەسجىدى ئەقسا زىيارىتى «تارىخىي قوللاش» ھېسابلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلخاتىب، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ مەسجىدى ئەقسا زىيارىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بۇ زىيارەت، بىزگە ۋە مەسجىدى ئەقساغا نىسبەتەن <تارىخىي قوللاش> ھېسابلىنىدۇ. دەرۋەقە، مەسجىدى ئەقساغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئاشقۇن ئوڭچىل گۇرۇھلارغا قارشى تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسى ئىنتايىن ئوچۇق بولۇپ، بۇ ھۇجۇملارغا خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت ئىشلىمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر