Twitter ئامېرىكاغا 150 مىليون دوللار جەرىمانە تۆلەيدۇ

ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغدىمىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا 150 مىليون دوللار جەرىمانە تۆلەيدۇ.

1833084
Twitter ئامېرىكاغا 150 مىليون دوللار جەرىمانە تۆلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە فېدېراتسىيە سودا كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter نىڭ،  2013-يىلى مايدىن 2019-يىلى سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ «مەخپىيەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكى» گە كاپالەتلىك قىلالمىغانلىقى، بۇ مەزگىلدە پەقەت ئابونتلارنىڭ سەھىپىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن تېلېفون نومۇرلىرى ۋە ئېلخەت ئادرېسلىرىنى ئىشلىتىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى «ئابونتلارغا ئېلان ئەۋەتىش» ئۈچۈنمۇ ئىشلەتكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، Twitter بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن، Twitter نىڭ 150 مىليون دوللار جەرىمانە تۆلەيدىغانلىقى، شىركەتنىڭ  ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ «مەخپىيەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكى» گە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن يېڭى تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر