سېنېگالدا بىر دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 11 بوۋاق قازا قىلدى

سېنېگالدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۆلۈمىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 11 بوۋاق قازا قىلدى.

1832695
سېنېگالدا بىر دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 11 بوۋاق قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا،  ئوت ئاپىتى، سېنېگالنىڭ تىۋاۋان رايونىدىكى مامې ئابدۇ ئەزىز سى داباخ دوختۇرخانىسىدا يۈز بەرگەن.

سېنېگال پىرېزىدېنتى ماكى سال، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بوۋاقلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرگەن.

سېنېگال تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوت ئاپىتىنى ئېلېكتر مۇئەسسەسەسىدىكى قىسقا توك يولى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

دائىرىلەر، ۋەقە سەۋەبىدىن  جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر