كولومبىيە ئۇكرائىنالىق ئەسكەرلەرنى تەربىيەلەپ بېرىدۇ

كولومبىيە ئۇكرائىنالىق ئەسكەرلەرنى مىنا تازىلاش ساھەسىدە تەربىيەلەپ بېرىدۇ.

1831409
كولومبىيە ئۇكرائىنالىق ئەسكەرلەرنى تەربىيەلەپ بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دىياگو مولانو، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، 11 ھەربىي ئىنژېنېرنىڭ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بىر دۆلەتكە بېرىپ، ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى مىنا تازىلاش ساھەسىدە تەربىيەلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە 24 – فېۋرال كۈنى ئۇرۇش ئېلان قىلغان ئۇكرائىناغا پەقەت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم جەھەتتىنلا ئەمەس، مىنا تازىلاش ساھەسىدىمۇ داۋاملىق ياردەم بېرىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى، چۈنكى كولومبىيەنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئىنسانىي قىممەتلەرگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر