زېلېنسكىي: رۇسىيەنىڭ دوونباستىكى جىنايەتلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيەنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباس رايونىنى جەھەننەمگە ئايلاندۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

1829743
زېلېنسكىي: رۇسىيەنىڭ دوونباستىكى جىنايەتلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ۋولودىمىر زېلېنسكىي خەلققە خىتاب قىلىپ سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ دونباس رايونىنى «تۈپتۈز قىلىۋەتكەنلىكى» نى بىلدۈرۈپ: «ئودېسسا رايونى ۋە ئۇكرائىنانىڭ مەركىزىدىكى شەھەرلەر ئىزچىل ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ. دونباس پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىلدى» دېدى.

ئۇ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى ھەپتىلەردىكى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان دونباس توغرىسىدا توختىلىپ: «ئۇكرائىنا ئارمىيەسى خاركىۋ رايونىنىڭ ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما، دونباستا تاجاۋۇزچىلار بېسىمنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇ يەر جەھەننەمگە ئايلاندى. بۇ مۇبالىغە ئەمەس. سېۋېرودونېتسكنىڭ رەھىمسىزلەرچە بومباردىمان قىلىنىشى نەتىجىسىدە، بىر كۈن ئىچىدىلا 12 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، ئونلارچە كىشى يارىلاندى. رۇسىيە بۇلارنى ھەربىي جەھەتتىن ھەرگىزمۇ چۈشەندۈرەلمەيدۇ. بۇ ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تېخىمۇ كۆپ ئۇكرائىنالىقنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ياۋۇزلارچە قەستەن قىلىنىۋاتقان ھەرىكەت. بۇلار ئۇكرائىنا خەلقىگە قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىلىدۇ ۋە تاجاۋۇزچىلارنى سوتقا تارتىدىغان دەلىل-ئىسپاتلار ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ ئامېرىكاغا 40 مىليارد دوللارلىق ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىپ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«ھازىر ئۇكرائىنادا ئايلىق قىزىل رەقەم 5 مىليارد دوللار. ئۇكرائىنا ئەركىنلىك ئۇرۇشى ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە يېتەرلىك ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق. بۇ شېرىك دۆلەتلەردىن كەلگەن سوۋغا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكىگە قوشقان تۆھپىسى بولىدۇ. چۈنكى ئۇكرائىنانىڭ مۇداپىئەسى ئوخشاش ۋاقىتتا رۇسىيە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىدىغان يېڭى ئۇرۇش ۋە كىرىزىسلاردىن قوغدىنىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز رۇسىيەنىڭ دۆلىتىمىزگە قارشى تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ مەغلۇب بولۇشى ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر