كۇۋەيت باش مىنىستىرى ۋە  كابېنىتىنىڭ ئىستېپانامىسى قوبۇل قىلىندى

كۇۋەيت ئەمىرى شەيخ ناۋاف ئەھمەد ئەل-جابىر ئەل ساباھ ئالدىنقى ئايدا شەيخ ساباھ خالىد ئەل ھامىد رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ بەرگەن ئىستېپانامىسىنى قوبۇل قىلدى.

1824897
كۇۋەيت باش مىنىستىرى ۋە  كابېنىتىنىڭ ئىستېپانامىسى قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇۋەيت رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى KUNA نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەتتىكى مىنىستىرلارنىڭ ئىستېپاسىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىغا دائىر قارارنامە ئېلان قىلىنغان.

قارارنامىدا، باش مىنىستىر ۋە باشقا مىنىستىرلارنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغانغا قەدەر ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

باش مىنىستىر ھامىد 5-ئاپرېلدا (2022) پايتەختنىڭ جەنۇبىدىكى ھاۋالى ئۆلكىسىگە جايلاشقان بەيان سارىيىدا تەخت ۋارىسى شاھزادە شەيخ مەشەل ئەل ئەھمەد ئەل-جابىر ئەس-ساباھ بىلەن ئۇچرىشىپ، كابىنېتنىڭ ئىستېپانامىسىنى تاپشۇرغان.

خەۋەردە، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا بېرىشىدىكى سەۋەب توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

پارلامېنتتا «ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلىش ۋە قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلاشماسلىق» جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىپ، پارلامېنتقا ئىشەنچسىزلىك ئىلتىماسى سۇنۇلغان باش مىنىستىر ھامىد تەخمىنەن بىر ھەپتىدىن كېيىن ئىستېپا بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر