ئېلون ماسك: ياپونىيە يوقىلىدۇ

ئامېرىكا توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت تېسلا (Tesla) نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسك (Elon Musk) كۈنسېرى ئازىيىۋاتقان تۇغۇلۇش نىسبىتىنى ئەكسىگە ئۆزگەرتەلمىگەن ئەھۋالدا ياپونىيەنىڭ ئىلگىرى-كېيىن يوق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1824226
ئېلون ماسك: ياپونىيە يوقىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېلون ماسك ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقى تۋىتتېر بېتىدە ئېلان قىلغان «2021-يىلىدا دۆلەت نوپۇسىدا رېكورت تۆۋەنلەش» سەرلەۋھىلىك خەۋەرگە ئىنكاس قايتۇردى.

ئۇ: «تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ ئۆلۈم نىسبىتىدىن ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئۆزگىرىش بولمىسا، ياپونىيە ئاخىرىدا يوقىلىدۇ» دېدى.

ئالدىنقى ئايدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، ياپونىيە نوپۇسىنىڭ 2021-يىلى 644 مىڭ كىشى ئازىيىپ، 125 مىليون 500 مىڭغا چۈشۈپ قالغانلىقى، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئۇدا 11 يىل يۈز بەرگەنلىكى ۋە بۇنىڭ 1950-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تۆۋەنلەش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇلتۇر (2021) ياپونىيەدە 831 مىڭ بوۋاق تۇغۇلغان، 1 مىليون 440 مىڭ ئادەم قازا قىلغان.

ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ياپونىيە نوپۇسىنىڭ %29 ى 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى، %11.8 ى بولسا 14 ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر