رۇسىيە ياپونىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

رۇسىيە ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياپونىيەنىڭ 63 يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

1822052
رۇسىيە ياپونىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياپونىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە رۇسىيەگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى باشلاش، رۇسىيەگە تۆھمەت قىلىش ۋە بىۋاستە تەھدىت سېلىش قاتارلىق «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان گەپ-سۆزلەر» گە رۇخسەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

يۇقىرىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ، ياپونىيەنىڭ تونۇلغان ئەربابلىرى، مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئاخبارات ۋەكىللىرى تەرىپىدىن قايتا-قايتا تەكرارلانغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، توكيونىڭ بۇ ھەقتە ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشكە، رۇسىيە ئىقتىسادىغا ۋە رۇسىيەنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا زىيان سېلىشقا قارىتىلغان قەدەملەرنى تاشلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە پۇقرالىرىغا قارشى يولغا قويغان ئېمبارگولىرىمۇ نەزەرگە ئېلىنغان ھالدا ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەت ئەزالىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان 63 يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنىڭ قارار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئېمبارگو بويىچە 63 يۇقىرى دەرىجىلىك ياپونىيە ئەمەلدارىنىڭ رۇسىيەگە كېلىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن ياپونىيەلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئىسىملىكى باياناتتىن كېيىن ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر