گىرېتسىيە بىلەن قىرغىزىستان ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

گىرېتسىيە بىلەن قىرغىزىستاننىڭ تۈركىيەدىن يولغا چىققان يولۇچىلاردىن ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرى رامكىسىدىكى ۋاكسىنا ئەملەتكەن بولۇش ياكى مەنپىي تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولۇش شەرتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

1821609
گىرېتسىيە بىلەن قىرغىزىستان ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) رامكىسىدا تۈركىيەدىن يولغا چىققان يولۇچىلاردىن ۋاكسىنا ئەملەتكەن بولۇش ياكى ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ مەنپىي نەتىجىسى بولۇشنى تەلەپ قىلغان گىرېتسىيە بىلەن قىرغىزىستاننىڭ، بۇ تەلەپلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ رەسمىي تۋىتېتر بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، گىرېتسىيە بىلەن قىرغىزىستانغا بارىدىغان يولۇچىلارغا، ھەر ئىككى دۆلەتتە تەلەپ قىلىنىدىغان ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا: «بۇ دۆلەتلەرنىڭ چېگراسىدىن ئۆتۈشتە ۋاكسىنا كارتى ياكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تاپشۇرۇش تەلىپى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئاقيول بولسۇن» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر