بايدىن: مۇسۇلمانلار ئامېرىكانى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئاقسارايدا روزا ھېيت ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيىتىدە: «ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلار دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ» دېدى.

1821614
بايدىن: مۇسۇلمانلار ئامېرىكانى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن روزا ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلارنىڭ جەمئىيەت ئەربابلىرىنى كۈتۈۋالدى.

ئۇ بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەپ: «ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلار دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ. ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئامېرىكانىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەنىۋى بايلىقى» دېدى.

ئۇ رامىزان ئېيى خاتىرىلىتىدىغان قىممەتلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ساھەدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پائالىيەتتە مۇھەممەد جامەسىنىڭ ئىمامى تالىب شەرىفمۇ قىسقا سۆز قىلدى.

ئۇ ئوخشىمىغان جەمئىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىقنى ۋە ئۆزئارا ياردەملىشىشنى تەكىتلەپ، ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلارنى قوللىغانلىقى سەۋەبىدىن بايدىن ھۆكۈمىتىگە تەشەككۈر ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر