مۇسۇلمانلار روزا ھېيتنى تەبرىكلىمەكتە

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇسۇلمانلار روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن جامەلەرنى لىق تولدۇردى.

1821338
مۇسۇلمانلار روزا ھېيتنى تەبرىكلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستاندا مىڭلارچە كىشى روزا ھېيت نامىزىنى جامالەردە ۋە چوڭ شەھەرلەرنىڭ مەيدانلىرىدا ئوقۇدى. پىرېزىدېنت سادىر جاپپاروۋ، پارلامېنت باشلىقى تالانت مامىتوۋ، مىللىي خەۋپسىزلىك دۆلەت كومىتېتى باشلىقى كامچىبېك تاشىيېۋ جامائەت بىلەن سەپتە تۇردى.

ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا ئىلاھىييات، تەزەپىر ۋە كۆك جامەلىرى ئەتىگەن سەھەردىلا ناماز ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەر بىلەن لىق تولدى.

ئۆزبېكستان پايتەختى تاشكەنتتە كىشىلەر ھېيت نامىزى ئۈچۈن جامەلەرگە سەل بولۇپ ئاقتى. «ئوسمان مۇسھافى» دەپ بىلىنىدىغان، ئۈستىدە خەلىپە ئوسماننىڭ قېنى بولغان كىيىك تېرىسىگە يېزىلغان قۇرئان كەرىم ساقلىنىۋاتقان، تاشكەنت ھەزرەت ئىمام كۈللىيەسىدە ئوقۇلغان روزا ھېيت نامىزىغا، ئۆزبېكستان دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نۇرىددىن خالىقنازاروۋ ئىماملىق قىلدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى لەفكوشادىكى ھالا سۇلتان جامەسى ۋە دۆلەتتىكى بارلىق جامەلەردە روزا ھېيت نامىزى ئوقۇلدى.

نىگېرىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان كانودا روزا ھېيتنى تەبرىكلەپ داقا-دۇمباق چېلىندى، ساليوتلار ئېتىلدى. شەھەردىكى بەزى جامەلەردە ئىلاھىي ناخشىلار ئوقۇلدى.

ياپونىيە پايتەختى توكيو ۋە ئەتراپىدىكى ئىشتاتلاردا ياشايدىغان مۇسۇلمانلار روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن توكيو جامەسىدە توپلاندى. شىبۇيا رايونىدىكى جامەگە ۋە ئەتراپتىكى كوچىلاردا سەپكە تىزىلغان جامائەت، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19 ) تەدبىرلىرى ئاستىدا ناماز ئوقۇدى. توكيو جامەسىنىڭ ئىمامى مۇھەممەد رىفات چىنار خۇتبىدە«خاتىرجەملىك ۋە قېرىنداشلىق ئىقلىمىدا ھېيتلارنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئەھمىيىتى» نى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مالايشىيادا پايتەخت ۋە ئەتراپىدىكى ئىشتاتلاردا كىشىلەر روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن مالايشىيا ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىدا بىر يەرگە جەم بولدى.

گېرمانىيەدە دىيانەت ئىشلىرى تۈرك ئىسلام بىرلەشمىسىگە قاراشلىق كۆلن مەركەز جامەسىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن روزا ھېيت نامىزى ئوقۇلدى.

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە ھېيت نامىزى ئۈچۈن جامەلەرنى توشقۇزغان كىشىلەر، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

ئىراقنىڭ چوڭ نۇر جامەسىدە روزا ھېيت نامىزىنى ئادا قىلغان كىشىلەر، ئىراقنىڭ بالدۇرراق تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ۋە ھەر خىل ھۇجۇملاردىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇشى، كىشىلەرنىڭ خاتىرجەم ياشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

مەسجىدى ئەقسادا 200 مىڭ كىشى ھېيت نامىزى ئوقۇدى. شەرقىي قۇددۇسنىڭ كونا شەھەر رايونىغا تۇتىشىدىغان يوللار، مەسجىدى ئەقساغا قاراپ ماڭغان ياشلار، ئەر-ئاياللار، ياشانغانلار ۋە كىچىك بالىلار بىلەن تولۇپ تاشتى.

شىۋېتسىيەدە فىتجا چوڭ جامەسىنىڭ ئىمامى ئوسمان دوغان نامازدىن بۇرۇن جامەتكە تەبلىغ قىلىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە باراۋەرلىكنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرىگە ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. پايتەخت ستوكھولمنىڭ بېردېڭ رايونىدا جامائەت پۇتبول مەيدانىدا ھېيت نامىزى ئوقۇدى.

رۇسىيەدە موسكۋادىكى مەركەز جامەسى، ئانىت جامەسى ۋە تارىخىي جامەسى ئەتىگەندىلا جامەئەت بىلەن لىق تولدى. موسكۋادا 40 جايدا ھېيت نامىزى ئۈچۈن ئالاھىدە رۇخسەت بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر