ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى: پ ك ك نىڭ خەتەرلىك پىلانى بىتچىت قىلىندى

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە قارشى خەتەرلىك بىر پىلانىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1818749
ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى: پ ك ك نىڭ خەتەرلىك پىلانى بىتچىت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Facebook سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان سىنلىق باياناتىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا، دۇخوك شەھىرىدە بىر توننا پارتىلاتقۇچ دورا، 10 دانە تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، 23 جەڭ تىپىدىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى موتورى، 1200 گاز ماسكىسى ۋە 375 AK-47 زەرەتلىگۈچ قاتارلىق نۇرغۇن ھەربىي ۋە پارتىلاتقۇچ ماتېرىياللارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «جىنايەت گۇماندارى Y.A.K.S. R.H نى سوراق قىلىش جەريانىدا، ئۇنىڭ، قولغا چۈشۈرۈلگەن پارتىلاتقۇچلار ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىشلىتىش ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن، ر.ھ ئىسىملىك ي پ گ نىڭ ئاتالمىش بىر ھەربىي ئىشلار رەھبىرىدىن ئالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر