يېڭى دېھلىدا ھىندى گۇرۇپپىلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەنمان جايانتى فېستىۋالى جەريانىدا ھىندى گۇرۇپپىلىرى بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 10 كىشى يارىلاندى.

1813380
يېڭى دېھلىدا ھىندى گۇرۇپپىلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

«NDTV» قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېڭى دېھلىنىڭ جاھانگىرپۇر رايونىدىكى پاراتقا تاش ئېتىش بىلەن باشلانغان جىددىيلىك تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا زوراۋانلىققا ئايلانغان. ساقچىلار بولسا گۇرۇپپىلارغا مۇداخىلە قىلغان.

دېھلى ساقچىلىرىدىن راكېش ئاستانا رايونغا ياردەمچى قىسىم ئەۋەتىلگەنلىكىنى ۋە ۋەزىيەتنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەنىكىنى ئېيتتى.

راكېش ئاستانا زوراۋانلىق ۋەقەسىدە 6 نەپەر ساقچىنىمۇ قوشقاندا، كەم دېگەندە 10 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ۋەقەلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىرلەرنىڭ ئىشلىتىلىدىغانىقىنى ئېيتتى.

دېھلى باش مىنىستىرى ئارۋىند كېجرىۋالمۇ زوراۋانلىقنى ئەيىبلەپ، ۋەقەگە ئارىلاشقانلار ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلاش بۇيرۇقى چۈشۈردى.

ئارۋىند كېجرىۋال تىنچلىق بولمىسا ئىلگىرىلەش بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خەلقنى تىنچلىق ۋە تەرتىپنى ساقلاشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر