كانادادا تاراۋىھ نامىزىدىن چىقىۋاتقان جامائەت ئوققا تۇتۇلدى

كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە، تاراۋىھ نامىزىدىن چىقىۋاتقان جامائەتكە بىر ئاپتوموبىلدىن قالايقمىقان ئوق چىقىرىلدى ۋە  5 كىشى يارىلاندى.

1813345
كانادادا تاراۋىھ نامىزىدىن چىقىۋاتقان جامائەت ئوققا تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تورونتو ساقچى باياناتچىسى داۋىد رىدزىك ۋەقەنىڭ سكاربورودىكى ئەبۇبەكرى-سىددىق جامەسىدە يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

داۋىد رىدزىك شەنبە كۈنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 01.00 ئەتراپىدا تاراۋىھ نامىزىدىن چىقىۋاتقان جامائەتكە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىلدىكى كىشى ياكى كىشىلەرنىڭ ئۇق چىقارغانلىقىنى ۋە ھۇجۇمدا 5 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يارىلانغانلارنىڭ بىرەر دۈشمەنلىككە سەۋەب بولىدىغان ئىشقا ئارلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ھېچقانداق  ئۇچۇر يوقلىقىنى ئېيتتى.

داۋىد رىدزىك يارىدارلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغان دەرىجىدە ئېغىر ئەمەسلىكىنى، ئۈچ نەپىرىنىڭ بالنېستتىن چىققانلىقى ۋە ئىككىسىنىڭ داۋالىنىشى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ۋەقە يۈز بەرگەن ئەبۇبەكرى-سىددىق جامەسىگە قاراشلىق سكاربورو مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزاسى نادىم شەيخ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «مەن ھەقىقەتەن قايغۇردۇم ۋە ئەنسىرىمەكتىمەن. بۈگۈن ئەتىگەندە 5 قېرىندىشىمىز قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، بىز ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ بالدۇرراق تۇتۇلۇپ، سوتقا تارتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر