ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە سۆھبەتلىرىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى مىشېل ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى «تىنچلىق سۆھبەتلىرى» ئۈستىدە توختىلىپ: «ھەممىمىز بىرلىكتە تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مەقسىتىدە، تىنچلىق سۆھبەتلىرى ئۈچۈن بىر كونكرېت مۇساپىنى باشلاشنى قارار قىلدۇق» دېدى.

1808876
ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە سۆھبەتلىرىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى چارلېز مىشېل بىلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۈچ تەرەپ كەچلىك تاماق زىياپىتىدە بىرگە بولدى.

چارلېز مىشېل تەخمىنەن بەش سائەت داۋاملاشقان سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ رەھبەرلەرنىڭ تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈش ئۈچۈن بىر كونكرېت مۇساپىنى باشلاش ۋە ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇشتا پۈتۈشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ھەممىمىز بىرلىكتە تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مەقسىتىدە، تىنچلىق سۆھبەتلىرى ئۈچۈن بىر كونكرېت مۇساپىنى باشلاشنى قارار قىلدۇق. كېلىشىمنى ئىمزالاشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىش تەس. بىراق، دېكابىر ئېيىدىكى (2021) سۆھبەتتىن بۇيان نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلەندى. ئىككى تەرەپنىڭ نېمىلەرگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، نېمىلەرنىڭ سەزگۈر مەسىلىلىرى ئىكەنلىكى مۇزاكىرە قىلىندى. ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىۋاتىمىز. ھەر ئىككى تەرەپتىكى قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىل ئويلىغانلىقىم ئەمەس. ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلش ئۈچۈن ئورتاق ئارزۇ بار. بۇ كېچە (6-ئاپرېل) توغرا يولدا بىر قەدەم تاشلىدۇق. ئەلۋەتتە بۇ ھەممە مەسىلىنىڭ ھەل بولغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەمما، بىر يەرگە جەم بولۇش ئۈچۈن ئېھتىمالى بار مەسىلىلەرنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگەنلىكىمىزنى، بالدۇرراق تىنچلىقنى، بىخەتەرلىكنى ۋە مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئىزچىللىققا ئىگە كېلىشىمنى ئىمزالاش ئۈچۈن ئىلگىرىلىگەنلىكىمىزنى بىلدۈرىدۇ» دېدى.

بۇ جەرياندا، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، چارلېز مىشېل، ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە نىكول پاشىنيان ئەمەلگە ئاشۇرغان ئۈچ تەرەپ يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان پىكىر بىرلىكىگە، «ئەزەربەيجاننىڭ مەنپەئەتلىرى، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە تەرەققىي قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بېسىلغان مۇھىم قەدەم» دەپ باھا بەردى.

مىنىستىرلىقنىڭ يازما باياناتىدا، ئۈچ تەرەپ يىغىنىدا، ئەرەبەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ تەييارلىقلىرىنى باشلاش ئۈچۈن، ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىغا يوليورۇق چۈشۈرۈشنىڭ قارار قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، تەرەپلەرنىڭ ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا چېگرا لىنيەسىنى بەلگىلەش  ئۈچۈن 2022-يىلى ئاپرېلنىڭ ئاخىرىغىچە ئورتاق چېگرا كومىتېتى تەشكىللەشتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئۈچ تەرەپ يىغىنىدا ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا تاشيول ۋە تۆمۈر يوللارنى ئېچىش مەسىلىسىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا: «بىريۇسسېل ئۇچرىشىشى، ئەزەربەيجاننىڭ مەنپەئەتلىرى، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە تەرەققىي قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بېسىلغان مۇھىم قەدەم» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر