جونسون رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى قىلمىشلىرىغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى ئىشلەتتى

ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ بۇچا شەھىرىدىكى قىلمىشلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئانچە يىراق ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

1808395
جونسون رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى قىلمىشلىرىغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى ئىشلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جونسون پايتەخت لوندوندا مۇخبىرغا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە كىيېۋ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئاشكارىلانغان كوچىلاردىكى پۇقرالارغا تەۋە جەسەتلەر ۋە كوللىكتىپ قەبرىلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرى تەرەپكە ئىما قىلىپ، «بۇچادا ئىشلارنى كۆرگىنىڭىزدە، (رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر) پۇتىننىڭ ئۇكرائىنادىكى قىلمىشلىرىنى كۆرگىنىمىزدە، بۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئانچە يىراق ئەمەستەك كۆرىنىدىغانلىقىدىن قورقىمەن» دېدى.

ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى تۇنجى قېتىم رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەرىكەتلىرىنى تەرىپلىگەندە، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى ئىشلەتتى.

كىشىلەرنىڭ يۈز بەرگەن ئىشلارغا نارازىلىق بىلدۈرىشىنىڭمۇ ھەيران قالارلىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن جونسون، رۇسىيەگە قارىتا تېخىمۇ كۆپ ئېمبارگو قارارلىرىنىڭ ماقۇللىنىدىغانلىقىدىن گۇمانلانمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋغا يېقىن بۇچا شەھىرىنى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى رۇسىيە ئارمىيەسىدىن ئازاد قىلغان ئۇكرائىنا قىسىملىرى بىنالىرى ۋە كوچىلىرى ۋەيران بولغان شۇنداقلا جەسەتلەر بىلەن تولغان بىر شەھەرنى ئۇچراتقان ئىدى.

پايتەخت كىيېۋنىڭ ئەتراپىدىكى ئازاد قىلىنغان ئولتۇراق رايونلاردىن 410 پۇقرانىڭ جەسىتى تېپىلغان ئىدى.

رۇسىيە پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سۈنئىي ھەمراھ شىركىتى ماكسار تەرىپىدىن تارقىتىلغان 19 – مارتتىكى سۈنئىي ھەمراھ فوتو سۈرەتلىرىدە كوچىلاردا جەسەتلەرنىڭ بارلىقى كۆرۈنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر