گىرېتسىيە 12 نەپەر رۇسىيە دىپلوماتىنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر» ئېلان قىلدى

گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 12 نەپەر رۇسىيە دىپلوماتىنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر» ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1808226
گىرېتسىيە 12 نەپەر رۇسىيە دىپلوماتىنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر» ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ گىرېتسىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان دىپلوماتىك ۋە كونسۇلخانا ئورۇنلىرىنىڭ 12 نەپەر خادىمىنىڭ «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر» دەپ ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىق مەزكۇر قارارنىڭ 1961-يىلى ئىمزالانغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ھەققىدىكى ۋىيېننا كېلىشىمى ۋە 1963-يىلى ئىمزالانغان كونسۇلخانا خىزمەتلىرى ھەققىدىكى ۋىيېننا كېلىشىمىنىڭ ماددىلىرىغا ئاساسەن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ ئافېنادىكى ئەلچىخانىسىغا «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر» دەپ ئېلان قىلىنغان دىپلوماتلار توغرىسىدا  مەلۇمات بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر