ۋاڭ ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىغا گېئوپولىتىكىلىق مەنپەئەت نۇقتىسىدىن قارىمىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرى ۋاڭ يى خىتاينىڭ ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىغا گېئوپولىتىكىلىق مەنپەئەت نۇقتىسىدىن قارىمىغانلىقىنى، بەلكى تىنچلىقنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1807356
ۋاڭ ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىغا گېئوپولىتىكىلىق مەنپەئەت نۇقتىسىدىن قارىمىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاڭ يىنىڭ ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنستىرى كۇلېبا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، ۋاڭ يى خىتاينىڭ ئۇكرائىنا توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسى ئۈستىدە توختىلىپ: «خىتاي گېئوپولىتىكىلىق مەنپەئەتلەرنى كۆزلىمىدى. بىز بىخەتەر مۇساپىدە ھېچ ئىش قىلماي قاراپ تۇرۇشنى ياكى ئوتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىشنى خالىمايمىز. ئۇكرائىنادا بىزنىڭ ئارزۇ قىلغىنىمىز تىنچلىق» دېگەن.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مۇزاكىرەلەر قانچىلىك قىيىن، ئوخشىماسلىقلار قانچىلىك كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تىنچلىق سۆھبەتلىرى ئۇرۇش توختىتىش ھەمدە تىنچلىق ئەمەلگە ئاشقىچە داۋاملىشىشى كېرەك» دېگەن.

ئۇ بىخەتەرلىكنىڭ پارچىلانماسلىقى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، باراۋەرلىكنى ئاساس قىلىپ سۆزلىشىش ئارقىلىق تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك ۋە سىجىل ياۋروپا بىخەتەرلىك بىناسىنى بەرپا قىلىش كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭدا ئىجابىي رول ئويناشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇلېبا بولسا، خىتايغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىپ، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە بىلەن مەسىلىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارەسى تېپىشنى ۋە ياۋروپاغا ئېچىلغان ئىشىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاڭ يى كۇلېبانىڭ سۆزلىرىگە جاۋابەن، ئۇكرائىنا ئاچقان ئىشىكنىڭ ياۋروپادا تىنچلىققا، ئۇكرائىنانىڭ تەرەققىياتىغا ۋە خىتاي بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىققا ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر