ناتو «فرىزيا بايرىقى 2022» مانېۋىرىنى باشلىدى

ناتونىڭ ھاۋا قوغدىنىش ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك «فرىزيا بايرىقى 2022» مانېۋىرى گوللاندىيەنىڭ شىمالىدىكى لې ۋاردې (Leeuwarden) ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا باشلاندى.

1803224
ناتو «فرىزيا بايرىقى 2022» مانېۋىرىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لې ۋاردې «F-35» ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئېلان قىلغان يازما باياناتتا، «فرىزيا بايرىقى 2022» مانېۋىرىنىڭ، گوللاندىيە ھاۋا تەۋەلىكى ۋە قىسمەن دانىيە ھاۋا ئارمىيە تەۋەلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، مانېۋىرغا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە كانادا قاتارلىق ناتو دۆلەتلىرىدىن 30 ئايروپىلاننىڭ لې ۋاردې بازىسىغا كەلتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، مانېۋىرغا «F-35»، «F-16» ئايروپىلانلىرىدىن باشقا، ئاپاچ «AH-64» ۋە ئامېرىكا شىرى «AS532U2» تىپلىق تىك ئۇچارلار، «SA-6»، «SA-8» ھاۋا قوغدىنىش باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنىڭ قاتناشتۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«فرىزيا بايرىقى 2022» مانېۋىرىنىڭ ناتونىڭ ھەر يىلى گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانېۋىرلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، 24-فېۋرالدىن (2022) بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقى تەكىتلەندى.

مانېۋىرغا ساھىبخانلىق قىلغان گوللاندىيە لې ۋاردې ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ قوماندانى يوھان ۋاندېۋېنتېر (Johan Van Deventer) يەرلىك تاراتقۇلارغا بايانات بېرىپ: «ھەر قاچان مانېۋىر ئۆتكۈزىمىز. ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىش ئېھتىمالىغا قارشى تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى.

تەخمىنەن 1000 ئەسكەر قاتنىشىدىغان مانېۋىر 8-ئاپرېلغىچە (2022) داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر