پاكىستان: قىبرىس مەسىلىسىدە داۋاملىق تۈركىيەنى قوللايمىز

پاكىستان پىرېزىدېنتى ئارىف ئالۋى قىبرىس مەسىلىسىدە دۆلىتىنىڭ تۈركىيەنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1801627
پاكىستان: قىبرىس مەسىلىسىدە داۋاملىق تۈركىيەنى قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر، پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتا پاكىستان پىرېزىدېنتى ئارىف ئالۋى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان.

ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە – پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى تۈرلۈك ساھەلەدىكى مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق سەۋىيەدە بىر – بىرىنى قوللاش مەسىلىسىدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكى تەكىتلەنگەن.

ھەر ئىككى دۆلەت، ئافغانىستاندا تىنچلىق ئورنىتىلىشىنىڭ ئافغانىستان خەلقىگە پاراۋانلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ۋە رايونلۇق سودا ھەم تەرەققىياتنى تەشۋىق قىلىدىغانلىقى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

پاكىستان پىرېزىدېنتى ئارىف ئالۋى، پاكىستاننىڭ قىبرىس مەسىلىسىدە تۈركىيەنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن، ھەمدە بولۇپمۇ كەشمىر مەسىلىسىدە ئىزچىل پاكىستاننى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.

باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر، پاكىستان زىيارىتى دائىرىسىدە، پاكىستان باش ئىشتاب باشلىقى نادىم رازا ۋە ھەرقايسى ئارمىيەلەرنىڭ قوماندانلىرى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر