جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەگە جاۋاب قايتۇردى

جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشىدىن كېيىن، پىيوڭياڭغا جاۋاب تەرىقىسىدە دېڭىز ۋە ھاۋادىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى.

1801391
جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەگە جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹يونخاپ› خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى، شىمالىي كورېيەنىڭ بۈگۈن قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىشىدىن كېيىن، سېئۇلنىڭ پىيوڭياڭغا جاۋاب تەرىقىسىدە دېڭىز ۋە ھاۋادىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.

جەنۇبىي كورېيە ھەربىي دائىرىلىرى، شىمالىي كورېيە قويۇپ بەرگەن قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ 6200 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتە تەخمىنەن 1080 كىلومېتىر ئۇچقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، جەنۇبىي كورېيە دائىرىلىرى، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغان.

جەنۇبىي كورېيە ھەربىي دائىرىلىرى، 16 – مارت كۈنى «مەغلۇبىيەتلىك» باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان شىمالىي كورېيەنىڭ پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى، شىمالىي كورېيەنىڭ 20 – مارت كۈنىمۇ  كۆپ قېتىم راكېتامىيوتلار ئارقىلىق سېرىق دېڭىزغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى  ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر