ئىتالىيە: تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايمىز

ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇيگى دى مايو رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەلىك تىرىشچانلىقلىرىنى تولۇق قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1799498
ئىتالىيە: تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لۇيگى دى مايو، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن، ئىتالىيە تاراتقۇلىرىغا، رۇسىيەنىڭ 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا قوزغىغان ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، ئۇكرائىنادىن كېلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئۆزلىرىنى تىنچلىق ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئۈندەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىر سائەت بۇرۇن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۇچرىشىشتا، مۇزاكىرىلەرنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. بىز ئىتالىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تۈركىيە يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزگەن مۇزاكىرىلەر ھەم تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى تولۇق قوللايمىز. تۈركىيە پەقەت شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشتىن ئىبارەت بىر دۆلەتلا ئەمەس، نۆۋەتتە تەرەپلەرنىڭ تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قارىتا دىيالوگ ئۈچۈنمۇ مۇھىم بىر دۆلەتتۇر. نۆۋەتتە بىز ھەممىمىز تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى قىزغىن قوللاۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر