ياپونىيە ئافرىقادىكى ئىككى دۆلەتنى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ياپونىيە كوۋىد – 19 يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنى قوللاش ئۈچۈن گانا بىلەن كامېروننى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1798342
ياپونىيە ئافرىقادىكى ئىككى دۆلەتنى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيەنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھىمايىسىدىكى Covid-19 ۋاكسىنىلىرىغا يەرشارى خاراكتېرلىك ئېرىشىش پروگراممىسى (COVAX) ئارقىلىق گاناغا 310 مىڭ قۇتا ۋە كامېرونغا 70 مىڭ  قۇتا ۋاكسىنا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، 30 مىليون نوپۇسقا ئىگە گانا بىلەن 26 مىليون نوپۇسقا ئىگە كامېرونغا ئەۋەتىلىدىغان ۋاكسىنىلارنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا ئايروپىلان بىلەن يولغا سېلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر