كامېروندا «خولېرا يۇقۇمى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى كۆپەيىپ كەتتى

كامېروننىڭ غەربىي قىسمى ۋە لىتتورال رايونىدا قايتا ئوتتۇرىغا چىققان «خولېرا يۇقۇمى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 55 كە يەتتى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2000 گە يېقىنلاشتى.

1796898
كامېروندا «خولېرا يۇقۇمى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى كۆپەيىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كامېرون سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغىچە 1888 كىشى «خولېرا يۇقۇمى» بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، يۇقۇمنىڭ بۇ دۆلەتتىكى 10 رايوننىڭ 5 ىگە يامرىغانلىقى، «خولېرا يۇقۇمى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ 55 كە يەتكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر